ترامپنىڭ چوڭ قىزىنىڭ مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى رەسمىيلەشتى

دونالد ترامپقا غەيرى رەسمىي مەسلىھەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان قىزى ئىۋانكا ترامپنىڭ خىزمىتى رەسمىيلەشتى.

702090
ترامپنىڭ چوڭ قىزىنىڭ مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى رەسمىيلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەڭ چوڭ قىزى ئىۋانكا ترامپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاقساراينىڭ رەسمىي خادىمى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ئۇ فېدراتىپ ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالماستىن دادىسىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىدۇ.

ئاقسارايدا 20-يانۋاردا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن بۇيان مۇھىم ئۇچرىشىشلار بولۇپ نۇرغۇن پائالىيەتكە دادىسى ترامپ بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان ئىۋانكا، مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ رەسمىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دادىسىغا غەيرى رەسمىي مەسلىھەتچىلىك قىلىش بىلەن تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىۋانكا ترامپ بۇ ھەقتە يازما بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خالىسانە  ۋە بارلىق قائىدە-پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلغان ئاساستا پىرېزىدېنت ترامپقا مەسلىھەتچىلىك قىلىشىمدىن بەزى كىشىلەرنىڭ بىئارام بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق فېدراتىپ خادىملىرى رىئايە قىلىدىغان قائىدە-پىرىنسپىلارغا بويسۇنغان ئاساستا ئاقساراينىڭ خادىمى سۈپىتىدە مائاشلىق ئىشلەيمەن.»

ئاقسارايدا ئىشخانىسى بار بولغان ئىۋانكا تىرامپنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىشى بىلەن ۋەزىپىسىنىڭ رەسمىيلىشىدىغانلىقى ۋە ئىسمىنىڭ ئاقسارايدىكى رەسمىي مەسلىھەتچىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ مۇنداق دېيىلدى: «ئىۋانكا ترامپنىڭ بۇ قارارى ھەممىمىزنى خوشال قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پىرېزىدېنت ترامپنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر