ۋېنگىرىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى سەپەرۋەرلىك باشلىنىدۇ

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىيۇكراتلارنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

701923
ۋېنگىرىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى سەپەرۋەرلىك باشلىنىدۇ
macaristan brüksel'i durduralım.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىريۇسسېلنى تورمۇزلاش لازىم!» دېگەن شوئار بىلەن خەلق ھەمكارلىقى سەپەرۋەرلىكى باشلايدىغان بولدى.

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى فەيسبۇك ھېسابىدىن ئېلان قىلغان «بىريۇسسېلنى تورمۇزلايلى!» سەرلەۋھىلىك ئۇچۇرىدا، سەپەرۋەرلىكنىڭ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا مۇشۇ ھەپتە باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئەزا دۆلەتلەرگە ئارىلشىۋالغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق دۆلەت مۇستەقىللىقىغا تەھدىت سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى باياناتىدا يەنە، «ئاساسلىق شوئارىمىز <بىريۇسسېلنى تورمۇزلاش لازىم!>  بولىدۇ. خەلق ھەمكارلىقى سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە پۇقرالاردىن 6 سوئال سورىلىدۇ ۋە پىكىرلىرى ئېلىنىدۇ. ئومۇمىي خەلق راي نەتىجىسىنى 20-مايدا سىزگە يوللاپ بېرەلەيمىز. سىزنىڭ پىكرىڭىز بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى. 

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان قاتارلىق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى نۇرغۇنلىغان مۇنبەرلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىيۇكراتلارنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ  قانۇن ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق دۆلەت مۇستەقىللىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر