فىرانسىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا جاسۇسلۇق كىرىزى

ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى «Mossad»نىڭ فىرانسىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىدىن ئىسرائىلىيەگە خىزمەت قىلىدىغان جاسۇس سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەخپىي ئۇرۇنغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە.

701403
فىرانسىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا جاسۇسلۇق كىرىزى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Monde» گېزىتى، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى «Mossad»نىڭ فىرانسىيە ئىستىخباراتىدىن ئىسرائىلىيەگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن جاسۇس سېتىۋېلىشقا مەخپىي ئۇرۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Monde» گېزىتى، فىرانسىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىغان تەكشۈرۈشلەرگە دائىر بىر ئىچكى يازما ئالاقىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، فىرانسىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا 2010- يىلى سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال پىلانلىرى ھەققىدە ئورتاق ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا، بەزى فىرانسىيە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى «Mossad»قا ئىشلىشى ئۈچۈن قايىل قىلىشقا مەخپىي كۈچ چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، فىرانسىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا قارشى جاسۇسلۇقنى تەكشۈرۈش ئەترىنىڭ كۆزىتىشى نەتىجىسدە، بىر فىرانسىيەلىك جاسۇسنىڭ ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى «Mossad»نىڭ پارىژدىكى بازا باشلىقى «D.K» بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى بايقىغالغان ھەمدە «راتافىيا» ناملىق ئورتاق ھەرىكەتكە بىنائەن فىرانسيە ۋە ئىسرائىلىيە جاسۇسلىرى فىرانسىيەگە تەربىيەلىنىش ئۈچۈن كەلگەن سۈرىيەلىك خىمىيە ئىنژېنېرى ئارقىلىق سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيەۋى قورال پىروگراممىسىغا دائىر مەلۇمات توپلاشقا تىرىشقان.

ئىسرائىلىيە جاسۇسلىرى سۈرىيەلىك ئىنژېنېرنى ئۆزلىرىگە مەلۇمات بېرىشكە ۋە باشقا سۈرىيەلىك ئىنژېنېرلارنىمۇ تېپىپ بېرىشكە قايىل قىلغان، بىراق ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى «Mossad»نىڭ پارىژدىكى بازا باشلىقى بولسا، بەزى فىرانسىيە جاسۇسلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

ئىستىخباراتتىكى مەخپىي يازما ئالاقىدا يەنە، فىرانسىيەلىك جاسۇسنىڭ «Mossad»نىڭ پارىژدىكى بازا باشلىقى بىلەن كەچلىك تاماقتا ئۇچراشقانلىقى، ھەتتا «ئائىلەم بىلەن دۈبەيگە تەتىلگە بارىمەن» دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەگە بارغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىچكى يازما ئالاقىدا، سۈرىيەدىكى ئورتاق ھەرىكەت جەريانىدا بەزى فىرانسىيەلىك جاسۇسلارنىڭ بانكا ھېسابىغا گۇمانلىق ھالدا پۇل كىرىپ چىقىش ئەھۋالى بايقالغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن فىرانسىيە ئىستىخباراتىنىڭ بۇ ئىشنى تەقىبكە ئالغانلىقى ھەمدە ئىستىخبارات ئىچىدىكى يوچۇقنىڭ تولۇق تەپسىلاتلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك بىر تەكشۈرۈش باشلاشنى تەلەپ قىلىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

«Le Monde» گېزىتى، شۇ چاغلاردا ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى «Mossad»نىڭ فىرانسىيە ئىستىخباراتىدىن جاسۇس سېتىۋېلىشقا مەخپىي ئۇرۇنغانلىقىغا رەسمىي يوسۇندا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ھەمدە «Mossad»نىڭ پارىژدىكى بازا باشلىقى قاتارلىق ئىككى ئىسرائىلىيە جاسۇسىنىڭ فىرانسىيەدىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى.

ئەينى چاغدا «Mossad»نىڭ پارىژدىكى بازا باشلىقى بېرنارد سىكۇئارجىنىنىڭمۇ سوتقا تارتىلغانلىقىنى قەيت قىلغان «Le Monde» گېزىتى، مەزكۇر ۋەقەنىڭ سوت مۇپەتتىشلىرى تەرىپىدىن  ھازىرغىچە تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر