تۈركىيە دائېشنىڭ ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىككى كۈن ئىلگىرى ئىراقنىڭ سالاھىدىن شەھىرىگە قاراشلىق تۇزھۇرماتۇ ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
699013
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 23 – مارت كېچىسى تۇزھۇرماتۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق چارداقلى يېزىسىغا دائېشچى تېررورىستلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 7 تۈركمەن قېرىنداشنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 4 ى نارىسىدە بالا بولۇپ، جەمئىي 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى ھەمدە ئەنقەرەنىڭ بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى ئورتاقلىشىمىز، پۈتكۈل ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمىز.»