ترامپ ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

دونالد ترامپ دائىرىلىرى، ئىسرائىلىيەنى يېڭى كۆچمەنلەر رايونى قۇرۇلۇشلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى...

698698
ترامپ ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرىنىڭ 20 – مارتتىن 23 – مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا غەززە ۋە غەربىي قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كۆچمەنلەر قۇرۇلۇشلىرى توغرىسىدىكى قايغۇلىرىنى ئىسرائىلىيە ھەيئىتىگە يەتكۈزگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، 2014 – يىلى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە چاقىرىلغان «غەززەنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرۇشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ غەززە خەلقى پايدىلىنالايدىغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بويىچە ھاسىل قىلغان كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىنىش تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر