شىۋېتسىيە قىرىم توغرىىسدا رۇسىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

شىۋېتسىيە، ئۇكرائىناغا قاراشلىق قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەيىبلەش تېلېگراممىسى تارقاتتى.

694941
شىۋېتسىيە قىرىم توغرىىسدا رۇسىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋاللسترۆم تېلېگراممىسىدا، «رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋالغانلىقى ۋە ئىشغال قىلىۋالغىنىغا 3 يىل بولدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى قىلىشىنى  ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

قىرىم تۈركلىرىنىڭ ناچارلىشىۋاتقان تۇرمۇش شارائىتلىرى ۋە رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلاردىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋاللسترۆم، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر