دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىن قېچىپ چىقىۋاتقان پۇقرالارنىڭ سانى ئاشماقتا

پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ۋە لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

695329
دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىن قېچىپ چىقىۋاتقان پۇقرالارنىڭ سانى ئاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى 335 مىڭغا يەتتى.

مۇسۇلنىڭ دائېشتىن قۇتقۇزۇلغان شەرقىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىغىلا كۆچكەن پۇقرالار سانىنىڭ بولسا، 81 مىڭغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىراق قىزىل ئاي جەمئىيىتى مەسئۇلى رافىد، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، مۇسۇلنىڭ غەربىدە داۋاملىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان پۇقرالار سانىنىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۇقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان رايونلاردىن قاچقانلارنىڭ سانى خېلىلا يۇقىرى. ناچار ھاۋا رايى بۇ كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا. تۇقۇنۇش بولۇۋاتقان جايلاردىن قاچماقچى بولغان پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ۋە لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى قانچىلىغان سائەتكىچە ھەتتا قانچىلىغان كۈنگىچە سوزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە» دېدى. 

ئىراق قىسىملىرى 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ كەتكەن مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 2016 – يىلى 17 – ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.

مۇسۇلنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ كونتروللۇقىنى دېكابىر ئېيىدا تولۇق تارتىپ ئالغان ئىراق ئارمىيەسى، 19 – فېۋرالدىن بۇيان شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر