فىرانسىيە پارىژ ھۇجۇمچىسىنىڭ «مۇسۇلمان» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ئورلى ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلغان زوراۋاننىڭ «مۇسۇلمان» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

694204
فىرانسىيە پارىژ ھۇجۇمچىسىنىڭ «مۇسۇلمان» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمۇ قوراللىقنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ۋەقەدىن كېيىن ئايرودۇرۇم تاقالدى، 3 مىڭ يولۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى ھەمدە ئايرودۇرۇمغا ئەۋەتىلگەن ئالاھىدە قىسىملار باشقا زوراۋانلارنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يېن يۋېس درىئاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى ئەسكەرگە ئوق چىقارغان.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ئايرودۇرۇمدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەترەتلەر زوراۋاننىڭ ئۈستىدىن پارتلاتقۇچ چىقمىغانلىقىنى جاكارلىدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لې روكس زوراۋاننىڭ «رادىكال مۇسۇلمان» ئىكەنلىكىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار زىتىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە ئەدلىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋاننىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىمۇ قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر