ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تەبلىغ جامائىتىنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەلقائىدە تېررورچىلىرى دېگەن گۇمان بىلەن تەبلىغ جامائىتىنى بومباردىمان قىلدى.

693794
ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تەبلىغ جامائىتىنى بومباردىمان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدە ئەلقائىدە تېررورچىلىرى توپلىشىدىغان جاي دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناماز ۋاقتىدا بومباردىمان قىلغان جامەدە، ئەلقائىدە ئەزالىرى ئەمەس، بەلكى رادىكاللىقتىن ئۇزاق تۇرىشى بىلەن تونۇلغان تەبلىغ جامائىتى ئەزالىرىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ھەلەب شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئەتارىپ ناھىيەسىنىڭ جىنە يېزىسىغا يېتىپ بارغان ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن كەچتە ھۇجۇم قىلغان جامەدە تەبلىغ جامائەتنىڭ ئەزالىرى يىغىلىشقان ئىدى. ئۇلار ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچتە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن بىر جامەدە توپلىشىپ تەبلىغ پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللۇنۇپ كەلمەكتە ئىدى.

تەبلىغ جامائىتى ئەزالىرى تۈنۈگۈن كەچتىمۇ ئادىتى بويىچە جىنە يېزىسىدىكى ھەزەرتى ئۆمەر جامەسىدە يەرلىك خەلق بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى. چۈنكى ئۇلار خېلى ئىلگىرىلا يېزا خەلقىگە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن جامائەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكىزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندا جامائەت ئەڭ كۆپ ساندا بىر يەرگە جەم بولىدىغان ناماز ۋاقتىدا جامەنى بومباردىمان قىلىپ خارابىگە ئايلاندۇردى.

ئەتارىب پۇقرالانى قوغداش گۇرۇپپىسى مەسئۇلى ھۇجۇمنىڭ ئارقىدىنلا ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، جامەدە 200 – 300 ئەتراپىدا كىشى بارلىقىنى، ئاز دېگەندىمۇ 58 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، جامائەتنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسىمىنىڭ بولسا، جامە خارابىسىنىڭ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا ئەتارىب پۇقرالانى قوغداش گۇرۇپپىسى مەسئۇلى مۇستافا ئۇبەيد ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىگە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپ بايانات بەردى. 

مۇستافا ئۇبەيد: «ھۇجۇمدىن 5 مېنۇت كېيىنلا ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ باردۇق. قارىساق ئىنسانلار يەرلەردە ياتقان ئىكەن. نۇرغۇنلىرىنىڭ بەدەن ئەزالىرى پارچىلىنىپ كەتكەن ئىكەن. ھۇجۇمغا شاھىت بولغانلاردىن ئىگىلىشىمىزچە،  ئايروپىلانلار دەسلەپتە جامەگە 3 بومبا ئاتقان، ئاندىن سىرىتقا چىقىشقا تىرىشۋاتقان جامائەتنىڭ ئۈستىگە 4 – بومبىنى ئاتقان» دېدى. 

تەبلىغ جامائىتى 1927 – يىلى ھىندىستاننىڭ مەۋات يېزىسىدا ھىندىستانلىق مۇھەممەد ئىلياس قاندەھلىۋى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جامائەتنىڭ مىليونلىغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ھىندىستان، پاكىستان ۋە باڭلادىشتا پائالىيەت قىلىدۇ. تەبلىغ جامائىتىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى بار. تەبلىغ جامائىتى كۆپ ھاللاردا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ساياھەت پىروگراممىلىرى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

رادىكاللىقتىن ئۇزاق تۇرۇش، زورۋانلىقنى رەت قىلىش ۋە سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى تەبلىغ جامائىتىنىڭ ھەممىگە مەلۇملۇق قائىدە - قانۇنلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. 

تەبلىغ جامائىتىنىڭ ھەر يىلى ئەنئەنىۋىي شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە «بىشۋا ئۇچرىشىشى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان چوڭ يىغىلىشى ئۆتكەن يىلى باڭلادىشتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تېزىملىكىدىمۇ تەبلىغ جامائىتىنىڭ ئىسمى يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر