ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
693144
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززەدىن تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە ئىسرائىلىيەنىڭ سدوت نېگېۋ رايونى ئەتراپىغا قىلىنغان ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن راكېتامىيۇت ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى ھاماس نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلاردىن ھېچقايسىسى بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.