ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان پەرمانى يەنە ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتتى

ھاۋاي رايونلۇق سوتچىسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان پەرمانىنى توختىتپ قويدى.

692442
ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان پەرمانى يەنە ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ھاۋاي رايونلۇق سوتچىسى دېررىك ك. ۋاتسون پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان 6 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا 3 ئاي ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇشنى مەزمۇن قىلغان پەرمانىنى توختىتىپ قويدى.

ئىشتات ئادۋۇكاتلىرى مەزكۇر پەرماننىڭ بىۋاستە مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۇنجى ماددىسىغا زىت ئىكەنلىكىنى، ئىشتاتتىكى سودا ۋە تەلىم-تەربىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ئىشلىتىشىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىشتاتنىڭ ساياھەت ساھەسىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، يېڭى پەرماننىڭ تەدبىق قىلىنىشقا بىر نەچچە سائەت قالغاندا، ئىشتات سوتچىسىنىڭ بەرگەن قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

تېننېسسې ئىشتاتىنىڭ ناشۋىللې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلغان دونالد ترامپ، سوتچىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشنى ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سوتچىنىڭ قارارىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان قايغۇلۇق خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان دونالد ترامپ مۇنداق دېدى: «ھامان بىر كۈنى بىز ئۇتۇپ چىقىمىز، پۇقرالىرىمىزنى خاتىرجەملىك قىلمىساق بولمايدۇ، خەۋپ كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا، قانۇننىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ ئوچۇق، ۋەزىيەت پىرېزىدېنت قارارىنى تەقەززا قىلماقتا.»

دونالد ترامپ بۇ يىل 27-يانۋاردا نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان 7 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا 3 ئايلىق ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇشنى مەزمۇن قىلغان پەرمان چىقارغانىدى، لېكىن مەزكۇر پەرماننى ۋاشىنگىتون ئىشتاتى فېدراتىپ سوتچىسى جېيمىس روبېرت ئىناۋەتسىز قىلغاندا، دونالد ترامپ پەرماننى قايتىدىن تۈزىتىپ  يەنە ئىمزالىغانىدى.

يېڭى پەرمان سۇدان، سومالى، يەمەن، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە ئىران قاتارلىق نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان 6 دۆلەت پۇقرالىرىغا ئۈچ ئايلىق ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇشنى، ئامېرىكا مۇساپىرلار پىروگراممىسىنى 120 كۈن توختىتىشنى،شۇنداقلا ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىنىدىغان مۇساپىرلار سانىنى2017-يىلى 110مىڭدىن 50مىڭغا تۆۋەنلىتىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر