رۇسىيە سۈرىيەگە مىنا تازىلاش ئەترىتى يوللىدى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سۈرىيەنىڭ پالمىراغا شەھىرىگە 150 ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان مىنا تازىلاش ئەترىتى يوللىدى.

693058
رۇسىيە سۈرىيەگە مىنا تازىلاش ئەترىتى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، رايونغا يېتىپ بارغان ئەسكەرلەرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈستقۇرۇلما ئورۇنلىرى ۋە دوختۇرخانىلارغا بارىدىغان يوللاردىكى مىنالارنى تازىلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا يەنە، پالمىراغا مەزكۇر ئەترەت بىلەن بىرلىكتە 17 دانە مەخسۇس ئاپتوموبىل ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پالمىراغا 200 دەك مىنا تازىلاش مۇتەخەسسىسى ۋە ھەر خىل تېخنولوگىيە ۋاسىتىلىرىنى ئەۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر