رۇس ئەمەلدار: ئەردوغاننىڭ ياۋروپانى ئەيىبلىشى ئورۇنلۇق

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئەزاسى ئولېگ موروزوۋ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپانى ئەيىبلىشىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

692800
رۇس ئەمەلدار: ئەردوغاننىڭ ياۋروپانى ئەيىبلىشى ئورۇنلۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلغان موروزوۋ، گوللاندىيە بىلەن گېرمانىيە تۈرك مىنىستىرلارنىڭ يىغىنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن دىپلوماتىك سۈركىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «يۈز بەرگەن ئىشلارغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىككى دۆلەتنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇنداق بىر مەنزىرىنى كۆرىمىز: ياۋروپانىڭ <ئورتاق قىممەت – قاراشلىرى، بەلگىلىمىلىرى ۋە دېموكراتىيەسى> ۋە مىللىي دۆلەت بولۇش ئالاھىدىلىكى بار. گوللاندىيە، بىزنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىگە ئاساسەن، تۈرك مىنىستىرلارنىڭ بۇ يەردە سۆزلىشىگە، نامايىشلارغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ، دېدى. ئۇلار بۇ ئىككى دۆلەتتىن بىرىنى تاللىدى ۋە مۇنداق قارار قىلدى: گېرمانىيەدىكىگە ئوخشاش تۈركلەر بۇ يەردىمۇ نامايىش ئۆتكۈزەلمەيدۇ. چۈنكى، مىللىي مەنپەئەتلىرىمىز ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن. مانا بۇ دەۋرىمىز ياۋروپاسىنىڭ مەنزىرىسى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رۇس پالاتا ئەزاسى، «ئەردوغان نېمە دەۋاتىدۇ؟ ياۋروپا ئەمدى قارار قىلىڭلار، قەيەردە سىلەرنىڭ ئورتاق قىممەت – قاراشلىرىڭلار؟ ئەردوغان ھەقلىق، دېموكراتىيە يا باردۇر ياكى يوقتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر