مېكسىكىدا ناھايىتى چوڭ كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

ۋېراكرۇز ئۆلكىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت تەپتىشى جورج ۋىنكلېر مەھەللىي تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، بىر چەت مەھەللىدىن كوللېكتىپ مازار تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

691924
مېكسىكىدا ناھايىتى چوڭ كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا تېپىلغان بىر كوللېكتىپ مازاردىن 250 ئادەمنىڭ ئىسكىلىتى چىقتى؛ ۋېراكرۇز ئۆلكىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت تەپتىشى جورج ۋىنكلېر مەھەللىي تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، شەھەرنىڭ چەت مەھەللىلىرىنىڭ بىرىدە تېپىلغان كوللېكتىپ مازاردىن 250 ئادەمنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسكىلىتلارنى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ كۆمۈۋېتىلگەن كىشىلەرگە ئائىت بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلاۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ۋىنكلېر، مازارنىڭ قانداق تېپىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

ۋىنكلېر، رايوندا كۆمۈۋېتىلگەن تېخىمۇ كۆپ جەسەتلەرنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ۋېراكرۇز ئۆلكىسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان كولېكتىۋو سولېسىتوغا ئوخشاش پۇقراۋى قوغدىنىش گۇرۇپپىلىرى، يوقاپ كەتكەنلەرنى تېپىش ئۈچۈن بۇ خىل جايلارنى كولاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئالاقىدار خادىملاردىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر