3-قېتىملىق ئاستانا ئۇچرىشىشى باشلاندى

تۈنۈگۈن (14-مارت) قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا سۈرىيەدە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنىڭ 3-قېتىملىقىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

691667
3-قېتىملىق ئاستانا ئۇچرىشىشى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قازاقىستان پايتەختى ئاستانا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنىڭ 3-قېتىملىقى باشلاندى.

رۇسىيەنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ھاۋا بومباردىمانىنى توختىتىشى مەسىلىسىدە يېتەرلىك بېسىم قىلمىدى دەپ قاراۋاتقان ئۆكتىچىلەر، قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۆكتىچى ھەربىي قاناتتىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت بۈگۈن (15-مارت) ئاستاناغا يولغا چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ھەيئەت پەيشەنبە (16-مارت) ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن رۇسىيەگە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئاستانادىكى سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرىغا قاتنىشىدىغان تۈركىيە ھەيئىتىگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى سەدات ئۆنال باشچىلىق قىلىدۇ. تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان ئۇرۇش توختىتىش 2016-يىلى 30-دېكابىر ئىجرا قىلىنغان ئىدى. بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشى نەتىجىسىدە، 2017-يىلى 23-24-يانۋار كۈنلىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ باشچىلىقىدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا يىغىن ئېچىلغان ئىدى. ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت كۈنتەرتىپ ماددىسى بىلەن توپلانغان تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران، ب د ت، ئۆكتىچىلەر ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەيئەتلىرى، ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈچ تەرەپ مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا كېلىشكەن ئىدى. 2017-يىلى 6-فېۋرال پەقەت كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتلەرلا قاتناشقان يىغىندا، نازارەت مېخانىزمىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەسىىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. 15-16-فېۋرالدا ئېچىلغان يىغىندا بولسا، بارلىق تەرەپلەر بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى. سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھەربىي قانىتى رۇسىيەنىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن 3-قېتىملىق ئاستانا يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر