رۇسىيە: تۈركىيە رۇسىيەنىڭ تەبىئىي شېرىكى

رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى ئۇچۇر سىياسىتى كومىتېتى باشلىقى ئالېسكېي پۇشكوۋ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ شەرتسىز تەبىئىي شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

690381
رۇسىيە: تۈركىيە رۇسىيەنىڭ تەبىئىي شېرىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلغان پۇشكۇۋ، موسكۋانىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم بىر دۇنياۋى ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ موسكۋاغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا، ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ ئىلگىرىلەپ بىكار قىلىنىشى، خىزمەت ۋىزىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن پۇشكوۋ، «ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر كورد دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئەردوغان موسكۋاغا كەلدى» دېدى.

تۈركىيە بىلەن زور ھەجىملىك لايىھەلەرنى روياپقا چىقىرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىگە ئىشارەت قىلغان ئالېكسېي پۇشكوۋ، «ئوتتۇرا شەرقتىكى لايىھەلەر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن رايوندىكى تەسىرىمىزنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.

پۇشكوۋ، تۈركىيە بىلەن يېقىنلىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر