ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك ئايال پارلامېنت ئەزاسىنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەلخەلىل ئەتراپىدا پەلەستىن قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنىڭ ئايال پارلامېنت ئەزاسىنى قولغا ئالدى.

688294
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك ئايال پارلامېنت ئەزاسىنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسقا قاراشلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ھەرىكىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئەتىگەن تەرەپلەردە پەلەستىنلىك ئايال پارلامېنت ئەزاسى سەمىرە ئەلھالايىقەنى ئەششۇيۇخ رايونىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدىمۇ بەيتۇللەھمە شەھىرىدە 2 پارلامېنت ئەزاسىنى قولغا ئالغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان پەلەستىنلىك پارلامېت ئەزالىرىنىڭ سانى 10 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر