ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتە يەنە جانغا زامىن بولدى

ئەسەد قىسىملىرى تۈركىيەگە يېقىن ئىدلىب شەھىرىدە ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

688025
ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتە يەنە جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدلىب شەھىرىدە ئەسەد قىسىملىرى ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ،  4 كىشى نىڭ جېنىغا زامىن بولدى، نۇرغۇن كىشىنى يارىلاندۇردى. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە تەۋە ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كەفەر نۇبۇل رايونىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، بومباردىماندا ئېغىر زىيانلار كېلىپ چىققان.

ئەسەد قىسىملىرى ئۆتكەن ھەپتە كەفەر نۇبۇلنى بومباردىمان قىلىپ، 6 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا 2016-يىلى 30-دېكابىردا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىمىشىگە، ئەسەد قىسىملىرى پات-پات بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر