تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسۇلخانىسى جايلاشقان مەھەللە دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇلدى

ئىراقتا تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسۇلخانىسى جايلاشقان مەھەللە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇلدى.

686528
تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسۇلخانىسى جايلاشقان مەھەللە دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى، مۇسۇلنىڭ غەربىگە جايلاشقان تەيياران مەھەللىسىدىكى تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسۇلخانىسى بىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننى پۈتۈنلەي كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى.

ھەربىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مەھەللە قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، كونسۇلخانا جايلاشقان رايوندىكى TNT ۋە باشقا پارتلاتقۇچلار تازىلاندى، ئارقىدىن ئالاقىدار خادىملار رايونغا كىردى.

ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ۋىلايىتى بولغان مۇسۇل، 2014 – يىلى ئىيۇندا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسۇلخانىسى بوشىتىلغانىدى.

دائېش تېررورچىلىرى، ئىشغال قىلىۋالغان كونسۇلخانا بىناسىنى قارارگاھ قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىرلەشمە كۈچلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ بىنانى بومباردىمان قىلغان بولغاچقا، بىنانىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر