«مۇسۇل 1 ياكى 1 يېرىم ئاي ئىچىدە دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىنىدۇ»

ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى ھامىد مالىكى مۇسۇلنىڭ بىر ئىككى ئاي ئىچىدە دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن پۈتۈنلەي ئازاد قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

685470
«مۇسۇل 1 ياكى 1 يېرىم ئاي ئىچىدە دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى ھامىد مالىكى مۇسۇلنىڭ 1 ياكى 1 يېرىم ئاي ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مالىكى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى قوزغالغاندىن بۇيان دائېش بازىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن، ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 3250 قېتىم چارىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھاۋا ھۇجۇملىرىمىز نەتىجىسىدە دائېشنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۈچى خورىدى.»

ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن مالىكى مۇنۇلارنى دېدى: «دائېشنى مۇسۇلدا 1 ياكى 1 يېرىم ئاي ئىچىدە يوق قىلىمىز ۋە مۇسۇل ئازاد بولىدۇ.»

ئىراقتا 2003-يىلدىن كېيىن رۇسىيەدە ياسالغان تىك ئۇچارلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالانغان بولسىمۇ، بۇ تىك ئۇچارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇسۇلنىڭ شەرقىنى بۇ يىل يانۋارنىڭ ئاخىرىدا تولۇق قايتۇرۇپ ئالغان ئىراق قىسىملىرى، بۇ يىل 19-فېۋرالدىن باشلاپ شەھەرنىڭ غەربىي رايونلىرىنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتى قوزغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر