گىرېتسىيەدە نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى

نامايىشقا تەخمىنەن 500 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇش ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى ۋە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتتىن قوغلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

685812
گىرېتسىيەدە نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدە ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارشى ئۆتكۈزگەن نامايىشىدا پارلامېنت بىناسىغا مولوتۇف (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئېتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ئۆقۇغۇچىلار پايتەخت ئافىنادىكى سىنتاگما مەيدانىدا مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارشى ئۆتكۈزگەن نامايىشتا يۈزلىرىگە ماسكا تاقىۋالغان بىر گۇرۇپپا پارلامېنت باغچىسىغا مولوتۇپ (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئاتتى. 

مولوتۇپ (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئاتقان گۇرۇپپا ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ئۇزاقلاشقىچە ساقچىلار ئۇلارغا مۇداخىلە قىلمىدى. ۋەقە قىسقا ۋاقىت داۋاملاشتى ۋە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. 

نامايىشقا تەخمىنەن 500 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇش ھەققىنىڭ ئاشۇرۇلىشى ۋە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتتىن قوغلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

نامايىچىشلار «مەكتىپىمىزگە چىقلما!» دەپ شوئارلار يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر