ئۇيغۇر ئېلىغا ئەسكەر يۆتكىلىشى ۋە ترامپنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇش پىلانى

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئەسكەر يۆتكىلىشى ۋە ترامپنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇش پىلانى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئانالىزلىرى

683544
ئۇيغۇر ئېلىغا ئەسكەر يۆتكىلىشى ۋە ترامپنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇش پىلانى

1- ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2018-يىلدىكى دۆلەت راسخوت پىلانىنى  ئېلان قىلدى ۋە پىلاننى ئامېرىكا مەجلىسىگە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،  مەزكۇر راسخوت پىلانىدا دۆلەت مۇداپىئە چىقىملىرىنىڭ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلۇشى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا دونالد ترامپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، پىرېزىدېنت بولسا چوقۇم بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. دېگەندەك دونالد ترامپ پىرىزىدېنت بولغاندىن كېيىن ۋەدىسىدە تۇرۇپ مۇداپىئە ۋە ھەربىي چىقىملارنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇردى. دۆلەت مۇداپىئە ۋە ھەربىي چىقىملار نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋېلا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدۇ؟

2- بېيجىڭدا ئەتە چاقىرىلىدىغان ئىككى قۇرۇلتايدىن  ئىلگىرى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى شەھەرلىرىگە تۈركۈملەپ ئەسكەر يۆتكىدى. بۇ نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر