دونالد ترامپ بۇ قېتىم شىۋېتسىيەلىكلەردىن كېيىن فىرانسۇزلارنىڭ چىشىغا تەگدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پارىژ توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرى فىرانسۇزلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى.

680256
دونالد ترامپ بۇ قېتىم شىۋېتسىيەلىكلەردىن كېيىن فىرانسۇزلارنىڭ چىشىغا تەگدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىۋېتسىيەلىكلەردىن كېيىن فىرانسۇزلارنىڭ چىشىغا تەگدى.

ۋاشىنگىتوندا ئەنئەنچىلەر سىياسىي ھەرىكەت يىغىنىدا سۆز قىلغان دونالد ترامپ، ياۋروپانىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، سۆزنىڭ تېمىسىنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقان فىرانسىيەگە يۆتكىدى.

سۆزىدە «تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن پارىژ پارىژ بولماي قالدى«دېگەن ترامپقا، فىرانسۇزلار دەرھال جاۋاب قايتۇردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇا ئولاند ترامپنىڭ سۆزلىرىنى «ھۆرمەتسىزلىك»دەپ تەرىپلەپ مۇنداق دېدى:«بىر دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئازراق بولسىمۇ ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى توغرا ئەمەس.»

پارىژغا يېقىن جايدىكى ئويۇن-تاماشا باغچىسى Disneyland نىڭ قۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمىغا قاتناشقان ئولاند دونالد ترامپنى Disneyland كە تەكلىپ قىلدى.

دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرى پارىژ شەھەر باشلىقى ئان ھىدالگونىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈردى.

شەھەر باشلىقى Twitter ئادېرسىدا دىسنېي ئوبرازىنىڭ رەسىمى بىلەن بىرلىكتە «دونالد ترامپ ۋە دوستلىرىغا: ئېيفېل مۇنارىدىكى تاماشىمىز ئەسناسىدا پارىژنىڭ گۈزەللىكى ۋە مېھماندوستلۇقىنى تەبرىكلەيمىز»دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتتى.

دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە فىلورىدادىكى يىغىلىش ئەسناسىدىمۇ كۆچمەنلەرنى نېمە ئۈچۈن كىرگۈزمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلىغاندا، ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختىلىپ شىۋېتسىيەدىكى بىر ھۇجۇمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەنىدى.

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى دونالد ترامپ ئىلگىرى سۈرگەن ھۇجۇمنىڭ رىئاللىقتا يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ۋاشىنگىتونغا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر