رۇسىيە تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى

رۇسىيە ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئۇچۇر ئۇرۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئەترىتىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

679514
رۇسىيە تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، مەزكۇر ئەترەتنىڭ تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، قايسى دۆلەت ياكى ئورگانلارنى ئوبيېكت قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

شويگۇنىڭ باياناتى غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەنى تور ھۇجۇمى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دونالد ترامپنىڭ غەلىبە قىلىشىدا رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇملىرىنىڭ رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ياۋروپا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىمۇ موسكۋانى ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەرنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا، سايلاملارغا تور ھۇجۇمى ۋە يالغان خەۋەرلەر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

رۇسىيە بولسا، باشقا ئەللەردىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر