ئافغانىستان ئارمىيەسى تالىبان نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تالىبان نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، بىر قىسىم تالىبان ئەزالىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

678780
ئافغانىستان ئارمىيەسى تالىبان نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھېلماند ۋىلايىتى تەۋەلىكىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 11 تالىبان ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھىلماند ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھارمسىر ناھىيەسىگە قاراشلىق ئۇمۇمىباغ رايونىدىكى تالىبان نۇقتىلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى، تالىباننىڭ 11 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋام قىلماقتا. تالىبان تەرەپ، ھۇجۇم توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر