جەنۇبىي ئافرىقا ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

جەنۇبىي ئافرىقا ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.

678548
جەنۇبىي ئافرىقا ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت، پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەستىنلا ئىجرا قىلماقچى بولغان مەزكۇر قارارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئۆكتىچى دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسى ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنت جاكوب زۇمانىڭ دۆلىتىنىڭ غايىلىرىدىن تولىمۇ يىراق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى، دۆلەتتە قانۇننىڭ كۈچى بارلىقىنىڭ بىر ناماياندىسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتىيى پارتىيەسى بايانات بېرىپ، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر