دائېش مۇسۇلدا باشلانغۇچ مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ كىچىك بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

قايتارما ھۇجۇمدا دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

677534
دائېش مۇسۇلدا باشلانغۇچ مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ كىچىك بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ شەرقىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 3 كىچىك بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتى خادىمى مىڭ بېشى مۇھەممەد رىزا ئەلۋەردى دائېشنىڭ ئەررىفاق مەھەللىسىدىكى يافا باشلانغۇچ مەكتىپىگە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان ھاۋا ئاپىراتى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇم دەرس ئۆتىلىۋاتقان پەيتتە قىلىنغان بولۇپ، بىرسى 7 ياشلىق، قالغان ئىككىسى 10 ياشلىق جەمئىي 3 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغان ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى باشقا كىچىك بالىلارنى دەرھال مەكتەپتىن يۆتكەپ چىقتى.

يەنە بىر تەرەپتىن دوختۇرخانا مەنبەلىرىدىن بىلدۈرىشىچە، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مۇسۇل شەھىرىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە جايلاشقان ئەش شىفا رايونىدا ماي قاچىلاش پونكىتىغا يېقىن بىر بىناغا ھۇجۇم قىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە ئەلفۇرقان قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بۇ بىنادا دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلدە ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلدى.

ھۇجۇمدا دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئۆلگەن تېررورچىلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر