ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدە سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلىدۇ

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدە سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

676845
ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدە سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تېررىتورىيەسىدىكى 960 كۇۋدرات كىلومېتىرلىق قۇرغاق زېمىنغا ياغىدىغان يامغۇر مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور لايىھە ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كويىغا كىردى.

مەزكۇر لايىھە ئارقىلىق ئۈچ يىلدىن كېيىن يامغۇر مىقدارىنىڭ %10 ئېشىشى كۆزلەنمەكتە.

ئۇيغۇر رايونى ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەگە ياغىدىغان يامغۇرنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان لايىھەگە 160 مىليون دوللار سەرپ قىلىنىدىكەن.

ئىلگىرىمۇ كىلىماتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجراتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، مەزكۇر لايىھە ئۈچۈن 4 يۈرۈش يېڭى ئايروپىلاننى ئىشقا سالىدۇ.

كىلىماتنى كونترول قىلىش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن 8 يۈرۈش ئايروپىلان، 900 راكېتامىيوت سىستېمىسى ۋە سىفىرلىق نازارەت ئۈسكۈنىسىمۇ يېڭىلىرىغا ئالماشتۇرۇلىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى كىلىمات كونترول قىلىش ئۈچۈن، بۇرۇنمۇ بۇلۇتلارغا كۈمۈش ئىيوت ۋە قۇرۇق مۇز چېچىش ئۇسۇلى تەدبىق قىلغانىدى.

2008-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن بۇلۇتلار مەخسۇس تازىلانغان بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە بۇلغىنىش پەيدا قىلغان ھاۋا دولقۇنلىرى باشقا ياققا بۇرۇۋېتىلگەنىدى.

« Fortune » ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان چىڭخەي ئۆلكىسىدىمۇ يامغۇر كونترول ئۇسۇللىرى سىناق قىلىنغان بولۇپ، 2006-يىلدىن 2016-يىلغىچە 55 مىليارد كۇپ مېتىر يامغۇر كۆپ ياغقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر