خىتاي ھىندىستانغا تەيۋەن مەسلىسى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گەن شۇاڭ ھىندىستاننىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى»نى قوللاشتا مەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدى.

673449
خىتاي ھىندىستانغا تەيۋەن مەسلىسى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھىندىستاندىن «بىر خىتاي سىياسىتى»نى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مەسىلىسىگە مۇناسىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاينىڭ خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گەن شۇاڭ تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان ۋە ئۆز باياناتىدا، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەر تۈرلۈك رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، خىتاينىڭ قاتتىق قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گەن شۇاڭ ھىندىستاننىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى»نى قوللاشتا مەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر