رۇسىيە ترامپنىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى

رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قىرىم ھەققىدىكى سۆزلىرىگە «ئەندىشە پەيدا قىلغۇچى» سۆزلەر، دەپ باھا بەردى.

673110
رۇسىيە ترامپنىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇمانىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى لېئونىد سلۇتىسكىي رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، ترامپنىڭ قىرىمنىڭ ئۇكرائىناغا قايتۇرۇلۇشىنى كۈتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بەرگەن باياناتىنىڭ رۇسىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن پەيدا قىلغۇچى ماھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھېلىھەم رۇسىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن سلۇتىسكىي، «لېكىن، تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش باياناتلار، ترامپ ۋە خىزمەتداشلىرى ھەققىدىكى كۈچلۈك ئۈمىدلەرگە سوغۇق سۇ سېپىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

موسكۋانىڭ، ۋاشىنگتوننىڭ قىرىم توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئورگانلارنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان سلۇتىسكىي، «شۇڭا، ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى باشلار – باشلىماس دۆلەتتىكى سەركىلەرگە قارشى چىقىشىنىمۇ كۈتەلمەيمىز» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى سېئان سپىسېر تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ترامپنىڭ «رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇكرائىنادىكى زوراۋانلىقنى پەسكويغا چۈشۈرۈشى ۋە قىرىمنى قايتۇرۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى» نى ئېيتقانلىقىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئورتاقلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر