ئافغانىستان ئارمىيەسى پۇقرالارنىڭ جانلىرىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ۋىلايىتى سانگىن ناھىيەسىدە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تالىبانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا 18 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

671183
ئافغانىستان ئارمىيەسى پۇقرالارنىڭ جانلىرىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  ئافغانىستان ۋاكالەتخانىسى  بايانات بېرىپ، ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ، يېقىنقى مەزگىللەردە ھۇجۇمغا ئۆتكەن تالىبانغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، 9-، 10- فېۋرال كۈنلىرى ھېلماندا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، ئاساسەن دېگۈدەك ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 18 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ياردەم بەرگۈچى قىسىملىرىنىڭ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ب د ت ، ئافغانىستاندىكى بارلىق تەرەپلەرنى ھۇجۇم قىلىش ۋە بارغانچە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر