مېكسىكا،نىيۇيورك ۋە بىريۇسسېلدا دونالد ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مېكسىكا،نىيۇيورك ۋە بىريۇسسېل قاتارلىق شەھەرلەردە دونالد ترامپقا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

670985
مېكسىكا،نىيۇيورك ۋە بىريۇسسېلدا دونالد ترامپقا قارشى  نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا ۋە بىريۇسسېلدا ئون مىڭلارچە كىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

مېكسىكىنىڭ 20 شەھىرىدە قوللىرىغا مېكسىكا بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن نامايىشچىلار، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن مېكسىكا خەلقىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ «مېكسىكا قەتئىي مەغلۇپ بولمايدۇ، يوقالغىن دونالد ترامپ»دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئېنرېك پېنا نىيتونى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىگە قارشى خەلقىنى قوغداشقا چاقىرغان نامايىشچىلار، دونالد ترامپنىڭ چېگرىغا تام قوپۇرۇش ۋە كۆچمەنلەرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

بىرمۇ سىياسىي پارتىيە تەرىپىدىن تەشكىللەنمىگەن بىراق  80  ئاممىۋى تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان نامايىشلار جېدەلسىز ئاخىرلاشتى.

بۇ ئارىلىقتا، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىمۇ يۈزلەرچە كىشى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا ئوخشاش مۇھىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان بىريۇسسېلدا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان تەخمىنەن 300 كىشى، 7 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلمىسى يولغا قويغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپقا قارشى شوئارلار توۋلاشتى.

بېلگىيە ساقچىلىرى تەخمىنەن 2 سائەت داۋاملاشقان نامايىش سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدى.

ترامپنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان نامايىشچىلار، تەلەپلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

تەلەپنامىدە بېلگىيە زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە ترامپنىڭ پەرمانىغا كىرگۈزۈلگەن 7 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرالمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەندىن سىرت، دونالد ترامپ چەكلمىسىنى بىكار قىلمىغۇچە ئۇنى بېلگىيەگە كىرگۈزمەسلىك تەلەپ قىلىندى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىدا دونالد ترامپنىڭ كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسەتلىرىگە نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە.

نىيۇيوركتا يەھۇدى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بولغان ھېبرېۋ مۇساپىرلار جەمئىيىتى باشچىلىقىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. يۈزلەرچە يەھۇدى ۋە كۆچمەن پائالىيەتچىلەر مۇساپىرلار ئۈچۈن يەھۇدىلار ھەرىكىتى كۈنىدە، سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق ھاۋاغا قارىماي باتترېي باغچىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

يىغىلىشتا نىيۇيورك شەھەر باشلىقى بىل دې بىلاسىيو، مىننېسوتادىن دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزاسى مۇسۇلمان مەجلىس ئەزاسى كېيىس ئېللىسون، مانھاتتىن شەھەر باشلىقى گالې بىرېۋېر، نىيۇيورك شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسى مۇدىرى لېتىتىيا جېيمىس قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى.

نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان لوزۇنكىلارغا «دېموكراتىيەمىزنى قوغدايلى» ۋە «سىزمۇ بىر زامانلاردا چەت ئەللىك ئىدىڭىز، ئەمدىلىكتە چەت ئەللىككە بېسىم قىلماڭ»دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر