دونالد ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، دۆلىتىنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» دە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

669571
دونالد ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ <ئۇزۇن داۋاملاشقان> تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كۆپلىگەن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «رەئىس شىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە ئاساسەن، ترامپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ <بىر خىتاي سىياسىتى> گە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى» ئۇقتۇرۇلدى.

ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆزئارا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بىر – بىرلىرىنى تەكلىپ قىلىشقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇچرىشىشلارنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ترامپ، ۋەزىپە ئۆتكەشكە باشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىغان شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق مەكتۇپى يوللىغان ۋە «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خىتايغا پايدىلىق مۇسبەت مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، رەئىس شى بىلەن خىزمەت قىلىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەنىدى.

سايلام دولقۇنى مەزگىلىدە ۋە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنمۇ كۆپ قېتىم ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ترامپنىڭ، يېڭى باسقۇچتا بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن قانداق بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلانغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، «بىر خىتاي سىياسىتى»، «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى» ۋە «تەيۋەن مەسىلىسى» دېگەندەك خىتاي سەزگۈر قارايدىغان مەسىلىلەردە بېيجىڭنى ئەيىبلەپ باياناتلارنى بەرگەن ترامپنىڭ سۆزلىرىدىن «ئەپسۇسلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەنىدى.

«بىر خىتاي» سىياسىتىگە ئاساسەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇستەقىللىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان تەيۋەننى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قوبۇل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر