ترامپ: ئامېرىكا بىگۇناھمۇ؟

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، فوكس نيۇز قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا ئامېرىكا توغرىسىدا ھەيران قالارلىق سۆزلەرنى قىلدى.

665961
ترامپ: ئامېرىكا بىگۇناھمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، فوكس نيۇز قانىلىدىن ژۇرنالىست بىل ئورايلىنىڭ «پۇتىن بىر قاتىل» دېگەن سۆزلىرىگە «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىگۇناھمۇ؟» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

ترامپ، ئورايلىنىڭ «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ھۆرمەتلەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا «مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيمەن. لېكىن بۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ دۆلىتىنىڭ رەھبىرى. رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماسلىقتىن ياخشى، دەپ ئويلايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ، ئورايلىنىڭ «لېكىن، ئۇ بىر قاتىل، پۇتىن بىر قاتىل» دېگەن سۆزلىرىگە بولسا، «ناھايىتى كۆپ قاتىل بار. بىزنىڭمۇ كۆپلىگەن قاتىللىرىمىز بار. سەن قانداق ئويلايسەن؟ دۆلىتىمىزنى بىگۇناھ دەپمۇ؟» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

بۇ جەرياندا، كرېمىل ژۇرنالىست بىل ئورايلىنىڭ <پۇتىن بىر قاتىل> دېگەن سۆزلىرى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئورايلىنىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، فوكس نيۇزنىڭ بۇ سۆزلەر ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر