ترامپ ناتوغا كاپالەت بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

666041
ترامپ ناتوغا كاپالەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپ بىلەن ستولتېنبېرگنىڭ، ۋاشىنگتوننىڭ ناتونى قوللىشى ۋە ئىتتىپاقنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ مۇداپىئە سەرپىياتى ھەققىدىكى ۋەدىلىرىگە رىئايە قىلىشى ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، «تەرەپلەر ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى توقۇنۇشنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى؛ ناتو دۇچ كەلگەن پۈتكۈل خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بويىچە يېقىن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. پىرېزىدېنت ترامپ، ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ياۋروپادا چاقىرىلىدىغان ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشنى قوبۇل قىلدى.» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر