نېتانياھۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقچى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شەرقىي قۇددۇس ۋە پەلەستىن زېمىنىدا سېلىنىۋاتقان قانۇنسىز يەھۇدىي تۇرالغۇلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

665882
نېتانياھۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە دۆلەت رادىيوسىنىڭ بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ پارلامېنتتىكى يىغىندا، قانۇنسىز سېلىنىۋاتقان يەھۇدىي تۇرالغۇلىرى توغرىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش مەقسىتىدە دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ 20-يانۋار ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا 6 مىڭغا يېقىن تۇرالغۇ سېلىشنى قارار قىلغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2016-يىلى 23-دېكابىر 14 ئاۋاز بىلەن، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغال ىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى «دەرھال ۋە پۈتۈنلەي» توختىتىش كېرەكلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى 1967-يىلدىن بۇيان ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا بولۇپ، شەرقىي قۇددۇستا 200 مىڭ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 400 مىڭ يەھۇدىي كۆچمەن ياشايدۇ. خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر رايونلاردىكى يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ سېلىۋالغان ئۆيلىرى قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر