ئىران: ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە كارخانىچىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ

ئىران ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە كارخانىچىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

665205
ئىران: ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە كارخانىچىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان قانۇنسىز پائالىيەتلىرىگە قارشى جاۋاب قايتۇرۇش مەقسىتىدە رايوندىكى ئاشقۇن تېررورىست گۇرۇپپىلارغا ۋە رايوندىكى مۇداپىئەسىز ئىنسانلارغا قارىتا جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان ۋە زۇلۇم سېلىۋاتقان كىشىلەر ياكى شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ. بۇ كىشىلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى ۋاقتى كەلگەندە ئېلان قىلىنىدۇ. ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىمىزنىڭ سەۋەبى؛ ئامېرىكىنىڭ ئىران يېقىندا ئۆتكۈزگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى باھانە قىلىپ، بەزى ئىران شىركەتلىرى ۋە كارخانىچىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى ۋە ئىرانلىقلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش قارارنامەسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر