ئامېرىكا: دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان خاتالىق سەۋەبىدىن 200 پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان سۈرىيە ۋە ئىراقتا خاتالىق سەۋەبىدىن 200 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

664899
ئامېرىكا: دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان خاتالىق سەۋەبىدىن 200 پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئىراق ۋە سۈرىيەدە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا خاتالىق سەۋەبىدىن 11 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى، بۇ رەقەم بىلەن بىرلىكتە ھاۋا ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان ئىككى دۆلەتتە خاتالىق سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانىنىڭ 200 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى بولسا ھاۋا ھۇجۇملىرى جەريانىدا خاتالىق سەۋەبىدىن يۈزلەرچە پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 2014 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئىراقتا، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن سۈرىيەدە دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر