تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ دومىنىكادا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى دومىنىكا جۇمھۇرىيتىدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

664604
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ دومىنىكادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن دومىنىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىگۇئېل ۋارگاس بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۈركىيە – دومىنكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر بار ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇچرىشىشتا، ساياھەت ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالاندى.

كېيىنچە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە رەھمەت ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، «دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىزنى قوللىدى، بۇ دائىرىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاراشلىق ۋە چېتىشلىق بولغان مەكتەپلەرنى تاقاش قارارى ئالغان تۇنجى دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ قالدى» دېدى.

ئەنقەرەدە ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىسرائىلىيە – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا چاقىرىلغان سىياسىي كېڭەش يىغىنى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، «تۈركىيە غەززە ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەگە سىگناللىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بەردى» دېدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچىدا تۈركىيە قويغان ئۈچ شەرتنىڭ ئورۇندالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالىيلىرى ھەمىشە بۇ ئۈچ شەرت ئورۇندالمىسا زادى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. بۇ ئۈچ شەرتنىڭ بىرى ئىسرائىلىيەنىڭ كەچۈرۈم سورىشى ۋە تۆلەم تۆلىشىدىن سىرت يەنە، پەلەستىن ۋە غەززەگە قاراتقان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى ئىدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمىز نورماللاشقاندىن بۇيان غەززەگە قارىتىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىيات ياردەملىرىمىزنىڭ مىقدارى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدىن كېيىن مېكسىكا زىيارىتى بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر