ئىراقتا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىمۇ ئىراقتىن قوغلاپ چىقىرىشقا ۋە كىرگۈزمەسلىككە چاقىرىلماقتا

ئىراقتا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىمۇ ئىراق چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئىراققا كىرگۈزمەسلىككە چاقىرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

661709
ئىراقتا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىمۇ ئىراقتىن قوغلاپ چىقىرىشقا ۋە كىرگۈزمەسلىككە چاقىرىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىراق بولۇپ جەمئىي 7 مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى ۋاقىتلىق چەكلەشنى قارار قىلىشىغا قارشى نارازىلىقلار داۋاملاشماقتا.

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم ئەل جافەرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى چاقىرتىپ بۇ مەسىلىدىن بىئارام بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

رويتېرىس گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىراقلىق بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جافەر بۈگۈن ياكى ئەتە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئەلچىسى بىلەن پايتەخت باغدادتا كۆرۈشۈپ، ئىراق پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى 90 كۈنلۈك چەكلەش قارارى توغرۇلۇق ھۆكۈمەتنىڭ نارازىلىقىنى يەتكۈزىدىكەن.

ئىراقتا دائېشقا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان خەلق سەپەرۋەرلىك كۈچلىرى (ھاشدى شابى)مۇ دونالد ترامپنىڭ قارارىدىن كېيىن، ئالاقىدار دائىرىلەرنى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىراققا كىرىشىنى چەكلەشكە چاقىردى.

ئىراق شىئە رەھبىرى مۇقتادا ئەل سادىرمۇ  ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىراقتىن قوغلاپ چىقىرىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر