ئامېرىكىدا بەش سوت مەھكىمىسى ترامپنىڭ پەرمانىنى توختىتىپ قويدى

ئامېرىكىدا بەزى مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن پىرېزىدېنت پەرمانىنى توختىتىپ قويغان ۋە ئايرودۇرۇملاردا قولغا ئېلىنغانلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماسلىققا ھۆكۈم قىلغان فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سانى بەشكە چىقتى.

661464
ئامېرىكىدا بەش سوت مەھكىمىسى ترامپنىڭ پەرمانىنى توختىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا نىيۇ يورك فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدىن باشقا، تۆت ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسىمۇ يەتتە مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنى ئامېرىكىغا كىرىشىنى 90 كۈن چەكلىگەن پىرېزىدېنت پەرمانىنى توختىتىپ قويدى. كالىفورنىيە، ۋىرجىنىيە، ۋاشىنگتون، ماسساچۇستىس ئىشتاتلىرىدىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىلىرى ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن مەزكۇر دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇپ قېلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

ئامېرىكا كىشىلىك ئەركىنلىكلەر بىرلىكىگە ئەزا بىر توپ ئادۋوكات جون كېننىدىي ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىنغان ئىككى ئىراق پۇقراسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، دونالد ترامپنىڭ مۇساپىر ۋە كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك پەرمانىنى توختىتىش ئۈچۈن سوتقا ئەرز قىلغان ئىدى.

نىيۇ يورك فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئان دوننېلى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىش ھۆكۈمىنىڭ «كېيىن ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان زىيان» غا سەۋەب بولۇش مۇمكىنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن مەزكۇر دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئامېرىكىدا تۇرۇشى ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر