ئامېرىكا سۈرىيەدىن كۆچمەن قوبۇل قىلمايدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ كۆچمەنلەرنى دۆلەتكە قوبۇل قىلىشقا چەكلىمە قويۇش ۋە كۆچمەن ۋىزىلىرىغا قارىتا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشنى نىشان قىلىدىغان قارارنامىنى ماقۇللىدى.

660963
ئامېرىكا سۈرىيەدىن كۆچمەن قوبۇل قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بۇ قارارنامىگە ئاساسەن ئىككىنچى يوليۇرۇق چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر سۈرىيەدىن كۆچمەن قوبۇل قىلمايدۇ. باشقا دۆلەتلەردىنمۇ ئۇدا 120 كۈن كۆچمەن قوبۇل قىلمايدۇ.

قانداق ۋىزا بىلەن كەلگەن بولسا بولسۇن، ئىراق، لىۋىيە، سۈرىيە، ئىران، سۇدان، سومالى ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۇدا 30 كۈن كۆچمەن قوبۇل قىلىنمايدۇ.

بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندىن كېيىن پەقەت ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مىللىي ئاخبارات ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ماقۇللىغان دۆلەتلەردىنلا كۆچمەن قوبۇل قىلىنىدۇ.

قارارنامىنىڭ تەپسىلاتى ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر