ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس: ئۆزۈمنى ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئاتىدىم

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

660272
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس: ئۆزۈمنى ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئاتىدىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماتتىس، گېرمانىيەلىك مەنسەپدىشى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېنگە ناتونىڭ شەرقىي قانىتىغا ۋە ئافغانىستاندىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ھەمدەم بولغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئىككى مىنىستىر، دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

ماتتىسنىڭ فىرانسىيەلىك مەنسەپدىشى يۋېس لې درىئان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە نۇقتىلىق ھالدا دائېشقا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش مەسىلىسى تەكىتلەندى.

جېيمس ماتتىس، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىئېبېرمان بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۆزىنى ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئاتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىككى مىنىستىر، دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىدى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئورتاق چارە تېپىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر