مېكسىكا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپقا ئىنكاس قايتۇردى

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئېنرىكى پېنا نېتو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىغا سېپىل سوقۇش پۇلىنى تۆلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

659878
مېكسىكا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپقا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېتو ترامپنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا سېپىل سوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى ئىمزالىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مېكسىكىنىڭ چەكلىمىلەر ۋە سېپىللارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە ترامپنىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ھەمىشە تەكىتلەپ كىلىۋاتقىنىمدەك، مېكسىكا ھېچقاچان سېپىل ئۈچۈن پۇل تۆلىمەيدۇ. دۆلەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېكسىكا ھەم مېكسىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايمەن. مېكسىكا ئامېرىكا خەلقىگە دوستلۇق ئورنىتىش، ھۆكۈمىتىگە كېلىشىم تۈزۈش ئارزۇسىنى ئىزھار قىلىدۇ.»

پىرېزىدېنت نېتو 31 – يانۋار كۈنى ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پايتەخت ۋاشىنگتونغا قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلىپ قىلمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بولسا نېتودىن ئاق ساراي زىيارىتىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر