خىتاي دونالد ترامپقا ئالما تېلېفوننى چەكلەش بىلەن تەھدىت سالدى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتىلىرىدىن بىرسى بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپقا ئۇچۇق ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلدى.

656764
خىتاي دونالد ترامپقا ئالما تېلېفوننى چەكلەش بىلەن تەھدىت سالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دائىرىلىرى ئەگەر ترامپ ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان تەقدىردە، ئالما تېلېفونى ۋە ئامېرىكا ئاپتومۇبىلى قاتارلىق بىر قانچىلىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتىلىرىدىن بىرسى بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپقا ئۇچۇق ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلدى.

يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ترامپنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئېچىشىنىڭ ئاشكارا ھاماقەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەگەر ترامپ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارشى تامۇژنا بېجى قويۇدىغان بولسا، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىپەرۋالىق، جاھالەت ۋە كارغا كەلمەسلىك بىلەن نەتىجىلىنىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ھەرقانداق چەكلىمە قويىدىكەن، شۇ ھامان جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئالما تېلېفون ۋە ئامېرىكا ئاپتومۇبىللىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەش بىلەن ئىش باشلايدىغانلىقىنى يازدى.

ئامېرىكىدا 8 - نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان دونالد ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا خىتاينى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىدى.

ترامپ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن سودا كېلىشىملىرىدە چوڭ پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېلىگىرى سۈرۈپ، سايلامدا ئۇتۇپ چىققان تەقدىردە، خىتايدىن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارغا %45 ئەتراپىدا تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان  ئىدى.

دونالد ترامپ بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ قايتىدىن جانلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

دونالد ترامپ ئۆتكەن ئاۋغۇست ئېيىدىكى سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا، خىتاينىڭ ئېكسپورتنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى قەستەن سۇنئىي ھالدا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئوغرى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر