ئوباما: سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، دېموكراتىيەنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلۇشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

654718
ئوباما: سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىدالىشىش تۈسىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سىياسەتتىن ئايرىلمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن ئوباما، ئەتە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان دونالد ترامپنى ئۆز بىلگەنچە ھەرىكەت قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئوباما، ترامپنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ توغرا بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەسلىھەتچىلىرىگە ئىشىنىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باراك ئوباما پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزى جەريانىدا، ئاق ساراي مۇخبىرلىرى باشتا بولۇپ تاراتقۇلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە «مېدىيانىڭ سايىسىدا ئىشىمنى تېخىمۇ ياخشى قىلدىم» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىككىنچى قېتىم سايلىنىشى بىلەن تەڭ موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ سوغۇقلىشىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوباما، بۇ ئەھۋالنى پۇتىننىڭ ئامېرىكىغا قارشى سۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىدە ئۈمىدسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ چېگىشلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە يەنە بىر قېتىم ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئوباما، ترامپنى تۇيۇقسىز ۋە بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئوباما، 2013 – يىلى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 35 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن جازا مۇددىتى قىسقارتىلغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سابىق خادىمى ماننىڭ ھەققىدە توختىلىپ، «جازاسىنى تارتتى، دەپ ئويلايمەن. كۆڭلۈم ئازادە» دېدى.

ئونلارچە يىللىق ئېمبارگولاردىن كېيىن كۇبا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تۈزەتكەن باراك ئوباما، پۈتكۈل ئەيىبلەشلەرگە قارىماي، تاشلانغان قەدەملەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر