ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى– CİA، مىليونلارچە مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى– CİA، «مەخپىيلىك» شەرتى بىكار قىلىنغان 11 مىليوندىن ئارتۇق ھۆججەتنى ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئېچىۋەتتى.

654182
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى– CİA، مىليونلارچە مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆز دەۋرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىل كىلىنتون 1995 – يىلى پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى ماقۇللاپ، 25 يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆججەتلەرنىڭ ئوچۇق – يورۇق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىشىنى يولغا قويغانىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى– CİA مەزكۇر قارارنامەنىڭ روھىغا ئاساسەن، تەييارلىقلىرىنى تاماملاپ ھۆججەتلەردىكى «مەخپىيلىك» شەرتىنى بىكار قىلىپ جامائەتچىلىككە ئاچقان بولسىمۇ، مەزكۇر ھۆججەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مارىيلانددىكى دۆلەت ئارخىپىغا كىرىپ، بۇ ئىش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 4 كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشىگە توغرا كېلەتتى.

ماتېرىياللارغا ئېرىشىش قىيىن بولسىمۇ، ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچىلار 1 مىليوندىن ئارتۇق ماتېرىيالنى مەزكۇر كومپيۇتېرلاردىن چىقىرىپ ئېلان قىلغانىدى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA، ئۆتكەن يىلقى ۋەدىسىگە ئاساسەن، مۇشۇ ئاي ئىچىدە مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغان ماتېرىياللارنى پۈتكۈل ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئېچىۋەتتى.

ۋىيېتنام ۋە كورېيە ئۇرۇشلىرى، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلى، ئۇچار تەخسە ... ماتېرىياللىرىغا ئوخشاش 11 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ماتېرىيالىغا بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر