تۈركىيە – رۇسىيە پارلامېنتلىرى ئارا ئۇچرىشىش پات يېقىندا

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى كونستانتىن كوساچېۋ رۇسىيە ۋە تۈركىيە پارلامېنتلىرى ئارا دىيالوگنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىشى ھەر ئىككى تەرەپ ئۇچۇن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

652950
تۈركىيە – رۇسىيە پارلامېنتلىرى ئارا ئۇچرىشىش پات يېقىندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى كونستانتىن كوساچېۋ، تۈركىيە ۋە رۇسىيە پارلامېنتلىرى ئوتتۇرىسىدا كېلەر ئاي ئىچىدە بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە دىيالوگنىڭ ياز كىرىشتىن ئىلگىرى باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كونستانتىن كوساچېۋ ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، «ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتى باشلىقى بەرات چونكار بىلەن ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتى ھەققىدە بىۋاستە سۆھبەتلىشىۋاتىمىز. ھەر ئىككى كومىتېتنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن تېخىچە كونكىرت بىر قارار چىقمىدى. بىراق رۇسىيە ۋە تۈركىيە پارلامېنتلىرى ئارا دىيالوگنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىشى ھەر ئىككى تەرەپ ئۇچۇن پايدىلىق بولىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ جەھەتتە ھېچ بىر شۈبھە يوق. مەزكۇر ئۇچرىشىش باھار پەسلىدە يەنى ياز پەسلى كېلىشتىن ئىلگىرى ئىشقا ئاشىدۇ» دېدى.

يىغىن رۇسىيەدە ياكى تۈركىيەدە ئېچىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كوساچېۋ، «ھازىرچە بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىۋاتىمىز. ھەر ئىككى خىل تاللاش ئۈچۈنمۇ بىز تەييار» دېدى ھەمدە ئۇچرىشىشنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر