تېھراننىڭ ۋەزىيىتى تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ كەتتى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايونغا كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى.

652806
تېھراننىڭ ۋەزىيىتى تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ پايتەختى تېھراننىڭ ۋەزىيىتى تۇيۇقسىزلا جىددىيلىشىپ كەتتى.

تېھران ۋالىيسى ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايونغا كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئايروپىلان ئاتارلار ئىشقا سېلىنىپ، راكېتامىيوت ئاۋازلىرى ئاڭلانغان، خەلق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىشقان.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ ھازىرچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تېھراندا ئۆتكەن ئايلاردىمۇ ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايونغا يېقىنلاشقان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىن بۇ ئايروپىلان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغان بىر تېلېۋىزور ئەترىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر