كرېمىل، ئاستانە سۆھبەتلىرى ۋە ترامپ - پۇتىن ئۇچرىشىشىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

652404
كرېمىل، ئاستانە سۆھبەتلىرى ۋە ترامپ - پۇتىن ئۇچرىشىشىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سەپداشلىرىغا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان سۈرىيە سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن تەكلىپنامە ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا بايانات بەرگەن پېسكوۋ، «ئاستانە سۆھبەتلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى داۋاملاشماقتا. بۇ قىيىن بىر مۇساپە. ئاستانە سۆھبىتىنىڭ جەنۋەگە ئوخشاش باشقا ئۇچرىشىشلارغا تەڭداش بىر سۆھبەت ئەمەس، ئۇنىڭ تولۇقلىغۇچى بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ئەستىن چىقىرىلماسلىقى لازىم. بۇ باسقۇچتا دېيەلەيدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك» دېدى.

پېسكوۋ، ترامپنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئاستانە سۆھبەتلىرىگە تەكلىپ قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا «ياق» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن بىر قانچە ھەپتە كېيىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ پايتەختى رېيكياۋىكتا كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

كرېمىل بىلەن ترامپنىڭ سەپداشلىرى ئارىسىدا ئالاقە يوقلۇقىنى تىلغا ئالغان پېسكوۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى توغرىسىدىكى پۈتكۈل خەۋەرلەر توغرا ئەمەس. بۇنداق بىر تەييارلىق يوق» دېدى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بەدىلىگە يادرو قوراللارنىڭ قىسقارتىلىشى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر